«خاسىيەتلىك كېمە | 您所在的位置:网站首页 › 山东省两日游去哪里比较好玩的地方 › «خاسىيەتلىك كېمە |
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق بوشلۇق تەجرىبەخانىسى 17-نويابىر سائەت 12 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى جىڭ خەيپېڭ، چېن دۇڭ قايتىش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ھازىرغىچە، ئۇلار «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق بوشلۇق تەجرىبەخانىسىدا 30 كۈن خىزمەت قىلىپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بوشلۇقتا تۇرۇش ۋاقتى يېڭى رېكورتىنى ياراتتى. بىر كۈندىن كېيىن، «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى تۇنجى قېتىم ئېگىزلىكى تەخمىنەن 393 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربىتىدىن قايتىپ، بوشلۇق پونكىتىدىكى ئايلىنىش ئوربىتىسىدىن قايتىشقا ئالاقىدار تېخنىكىنى باھالايدۇ. «ئەرش ئوردىسى-2» ناملىق بوشلۇق تەجرىبەخانىسى ئوربىتىدا داۋاملىق ئايلىنىپ، ئالاقىدار ئىلمىي تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، 2017-يىلى 4-ئايدا «ئالەم كېمىسى-1» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش ۋاقتى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا ئوتلىقىغا جايلاشقان ئاساسىي يەرگە قونۇش مەيدان رايونى تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھالىتى ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى) مەنبە: خەلق تورى |
CopyRight 2018-2019 实验室设备网 版权所有 |